خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Instagramدا بوشلۇقتىن سۆرەت تارتىش پائالىيىتى مودا بولدى. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 7-دېكابىر بۇ پائالىيەتتىكى ئەڭ نادىر سۆرەتلەرنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرگە تورداشلار تارتقان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەرنى نامايان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە بۇ پائالىيەتنى ئامېرىكا كالىفورنىيەدىكى 33ياشلىق فوتوگراف دىرك داللاس ئۆتكەن يىلى توردا باشلىغان بولۇپ، بىر يىلدىن بۇيان ئونمىڭدىن كۆپرەك تورداش بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى