قۇربانجان يۇنۇس، جۇ يى خەۋىرى، فوتوسى: 9-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان 16 -، 15 -مۇسابىقە مەزگىلى CBA ئادەتتىكى مۇسابىقىسىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسى 118 گە قارشى 124 نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق ماھىر جوۋ چى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر 29 نومۇرغا ئېرىشتى.