چاۋشيەننىڭ پايتەختى پيوڭياڭدا 9-دېكابىر چاۋشيەن تۆھپە دۆلەت خور ئۆمىكى ۋە مودەنگۈل چوققىسى ئوركېسترىنىڭ ئەزالىرى يولغا چىقىشقا تەييار بولدى. ئىگىلىنىشىچە، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 1-قول مۇئاۋىن باشلىقى سۈي خۇي باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن تۆھپە دۆلەت خور ئۆمىكى ۋە مودەنگۈل چوققىسى ئوركېستىرىنىڭ ئەزالىرى 9-دېكابىر پيوڭياڭدا مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىكەن. چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ شۇجىسى كىم كىنام، جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى جىنجۈن قاتارلىقلار جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى ۋوگزالغىچە ئۇزىتىپ قويدى.