مىلاد بايرىمىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. ئاق ساراينىڭ ئالدىدىكى ‹‹دۆلەتلىك مىلاد دەرىخى›› يورۇتۇلغاندىن كېيىن، ئالاھىدە رايوندىكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىنالىرىمۇ يېڭى تۈسكە كىردى. پارلامېنت كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىچىدىكى مىلاد دەرىخىنىڭ چىراغلىرىمۇ ياندۇرۇلۇپ، بايرامنى كۈتۈۋالدى. ئامېرىكا پارلامېنت كۇتۇپخانىسى 1800-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئورنى ئەڭ ئالا ھىدە كۇتۇپخانا، يەنە تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن فېدېراتسىيە مەدەنىيەت ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. كۇتۇپخانىدا ساقلانغان كىتابلارنىڭ زاپىسى پۈتۈن دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.