خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچىدەباشلاندى، ساھىبخان كوماندا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن زىيارەتكە كەلگەن خېيلۇڭجياڭ شىندا كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى49غا قارشى 86 نومۇر بىلەن مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا غەلبە قازاندى.
شىنجاڭ كوماندىسى بۇ يىلقى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان يېڭى كوماندا بۇلۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، چېمپىيون بولغان بۇلۇپ، ئىپادىسى يامان ئەمەس بولغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى