باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بوغدا پىلانى»غا ئادەم قوبۇل قىلىش باشلاندى، تۈنۈگۈندىن باشلاپ سالاھىيەت تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2015.10.20 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېچىكتۈرۈلگەن «بوغدا پىلانى»نىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلدى، 19-چېسلادىن 24-چېسلاغىچە سالاھىيىتىگە قايتا قاراپ چىقىلىدۇ، 26-29-چېسلاغىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.

  تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق «بوغدا كۆلى» پىلانىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي قوبۇل قىلىشتا بوش قالغان ئورۇنلارنىڭ تەڭشىلىپ بولۇشىنى ساقلىغانلىقتىن ئىكەن. چۈنكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى «بوغدا پىلانى»غا تىزىملىتىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىغان بولغانلىقتىن، مەمۇرىي قوبۇل قىلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، بوش قالغان ئورۇنلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

  سالاھىيەتنى قايتا بىكىتىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ۋاقتى، ئورنى، ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور پونكىتى، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورىدا ئېلان قىلىنىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر