باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شىنجاڭ نېنى قانداق قىلىپ بىر قېتىمدا 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك توختام ئىمزالىدى؟

2015.10.20 13:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ۋە ئاسىيا ـ ياۋرۇپا كۆرگەزمىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، يەرمەنكە ئۆزى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى نۇرغۇن كارخانىلار بۇ ئۆز رايونىمىزدىكى خەلقئارالىق سۇپىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  «ئابلاجان نانلىرى» زەنجىرسىمان چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئابلاجان مەتتوختى مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ نان ۋە بۇ ئىككى يەرمەنكە بىلەن بولغان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

  1997-يىلى 26ياشلىق ئابلاجان 2300 يۈەن پۇل بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ، كوچا بويىدا نان دۇكىنى ئاچتى. 2001 – يىلى، ئۇ ئۆزىنىڭ «ئابلاجان نانلىرى» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇردى، ھەمدە ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە نان ئاپىرىپ سىناپ باقماقچى بولدى.

  «مەن ئاپارغان200 ناننىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا سېتىلىپ بولۇشىنى ئويلىمىغاندىم »دېدى ئابلاجان ھاياجانلانغان ھالدا ئەسلەپ، «كىيىنكى بىر نەچچە كۈندە 5000نان پۈتۈن سېتىلىپ بولدى».

  2010-يىلى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، « شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى » تارقىتىلدى؛ شۇ يىلى7-ئايدا مەركىزىي كومىتېت « غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر »نى تارقاتتى. «ئىككى پىكىر » دە ،« ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ‹جۇڭگو ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى›ئۆزگەرتىپ، دۆلەت مەبلەغ جەھەتتە قوللاش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇ يىلى 9 -ئايدا ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى تارىخقا ئايلاندى، ئاپتونوم رايون تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىقىنى باشلىدى.

  ئاز كەم بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن، 2011 –يىلى 9-ئايدا سودا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 27 مىنىستىرلىك، كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسى قاتارلىق 11 ئورۇن ئۈستىگە ئالغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىزىل نۇر تېغى بويىدىكى شىنجاڭ خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى.

  مانا مۇشۇ پەيىتتە، ئابلاجان يەنە ئۆزى ياققان 36 خىل ناننى ئېلىپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. « مالايسىيا ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ خېرىدارلىرى ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى 16 مۇسۇلمانچە كارخانا بىز بىلەن 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك چوڭ زاكاس ئىمزالىدى» دىدى ئابلاجان.

  ھازىر «ئابلاجان نانلىرى»نىڭ ئۈرۈمچىدە 26 تارماق دۇكىنى ئېچىلدى، شۇ يىللىرى بول بويىدىكى نان دۇكىنى زەنجىرسىمان چەكلىك شىركەتكە ئايلاندى. بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەينى يىللاردىكى ئابلاجان ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  2013-يىلى 9- ئاينىڭ 4-كۈنى 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۇنجى ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى سەھەردە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تۇرماقتا.(ماتېرىيال سۈرەت)

  (مەرھابا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر