باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئىچىلدى(1)

2015.10.20 14:06   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئىچىلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى(مەلىكەم):ئېلىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئىچىلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتخانىسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن. بۇ ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلق داستانى ھەققىدە ئىلىمىي مۇھاكىمە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇردىغان بىر قېتىملىق كاتتا يىغىلىش بولدى.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇندىكى داستان تەتقىقات مۇتەخەسسىسلىرى، داستانچىلار ، ۋە گېرمانىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، كورىيە، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر داستان تەتقىقاتچىلىرى، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. داستان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە، نەغمە – ناۋا، ئويۇن كۆرسىتىشنى بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە خەلق ئەدەبىياتى شەكلى. ۋە ئۇيغۇر، قازاق، قىزغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەلق مەدەنىيىتىنى تارقىتىشتىكى مۇھىم ۋاستىسى. ئۇيغۇر داستانلىرى كۆپىنچىسى شېئىرىي نەسرىي ئەسەر ۋە شېئىرىي ئەسەرلەر بىرلەشتۈرۈلگەن شەكلىدە ئىپادىلەنگەن، ئەلۋەتتە تولۇق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىنغان داستانمۇ بار، لېكىن يەنە پۈتۈنلەي نەسري ئەسەر تىل ئارقىلىق بايان قىلىنغان داستانمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر داستانلىرى ئۇيغۇر 12 مۇقام ئىچىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.12 مۇقامنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەزمۇنى ئەلئارا داستان. تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نەشر قىلىنغان ياكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان داستان 110 پارچىغا يېتىدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى داستان ئالىملىرىنى بىر قېتىملىق پىكىرلىشىدىغان ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل يارد…
      ·«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1- تۈركۈم تولۇق كۇرسقا تولۇقلاپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ» دېگەن يالغان خەۋەر 
      ·2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
      ·2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ
      ·جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى
      ·ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەسلى مەنىسى بويىچە بولسۇن
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…