خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژورنىلى يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان فوتوگرافىيە مۇسابىقىسىنى باشلىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى قاتناشسا بولىدۇ، مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ، ھەمدە «دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژورنىلىنىڭ باش شىتابىغا بېرىپ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان فوتوگرافىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
بارلىق قاتناشقۇچى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئاپپاراتتا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ. روسىيەنىڭ «Bigpicture» ئاخبارات تورى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى تاللاپ كۆرگەزمى قىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى