شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زېممىسىگە ئېلىپ، بۇ كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىدۇ.