خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ باشقۇرغان "ئىستىقبال سەھنىسى" پروگراممىسى 28-دېكابىر بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆرەتكە ئېلىندى. داڭلىق رىياسەتچىمىز مۇنىرە غوپۇر پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىملىق سۆرەتكە ئېلىشنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى ۋە ھەمكارلاشتى. دۆلەت دورا ۋە مېتابولىزم ئانالىزى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەپەر ئابلىز سۆرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
28-دېكابىردىكى سۆرەتكە ئېلىشتا 8 نەپەر ماھىر سەھنىدە خادىم قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن ۋە شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يۈزمۇيۈز پىكىرلەشتى. شىنجاڭ مۆتىۋەر خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىرى، قەشقەر سودا ئۇيۇشمىسى، بېيجىڭ خولد خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمەت شىركىتى، شىنجاڭ بەخت دوختۇرخانىسى قاتارلىق شىركەت ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر نەق مەيداندا ماھىرلارنىڭ ھەرخىل مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەختىيار روزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىلھام غوپۇر قاتارلىقلار نەق مەيداندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تونۇشتۇردى، داڭلىق پىسخولوگ ئەلى قۇربان ماھىرلارنىڭ نەقمەيداندىكى پىسخىكا ھالىتى ۋە سوئاللىرىغا باھا بەردى.
بىر كۈنلۈك سۆرەتكە ئېلىش جەريانىدا بىرلا ماھىر ۋاز كەچكەندىن باشقا، بارلىق ماھىرلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
پايتەختتىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار كېلىپ سۆرەتكە ئېلىشقا قاتناشتى، ھەمدە سۆرەتكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رىياسەتچىمىز مۇنىرە غوپۇر بىلەن خاتېرە سۆرەتكە چۈشتى.
مەنبە: خەلق تورى