خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق تورى ئىختىيارىي مۇخبىرى ھەسەنجان مەمتىل خەۋەر قىلىدۇ: 11-ئاينىڭ 11-كۈنى،ئاۋات ناھىيىلىك يەككە-سودا سانائەتچىلەر جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاۋات ناھىيىلىك چىمەنزار تېز تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى،ئاۋات ناھىيىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچى ۋە ساخاۋەتچى مۇھەممەت ئابلىز ئەپەندى ئاۋات ناھىيىلىك دولان يېزىسىدىكى ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئىتتىپاق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 233 نەپەر ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتۇز مىڭ يۇەن قىممىتىدىكى قىشلىق كىيىم-كىچەك، ئوقۇتۇش قورالى ۋە باشقا لازىملىق نەرسىلەرنى ئىئانە قىلدى. بۇ ئارقىلىق مۇھەممەت ئابلىز ئەپەندى ساخاۋەتلىك قولىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا سۇنۇپ، مائارىپنى قوللاش، باللارغا مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشتەك ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلىپ، سەبىي قەلىبلەرنى ئىللىتتى. مۇھەممەت ئابلىز ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش بىلەن بىرگە يەنە مەنىۋىي جەھەتتە بۇ بالىلارغا مەدەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ سەبىي قەلىبلىرىگە يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈكۈشكە رىغبەتلەندۈردى. مۇھەممەت ئابلىز ئەپەندى ئۇزۇن يىل خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بۇلۇپ، ئاۋات ناھىيىسىدىكى كۆپلىگەن قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە يار يۆلەك بولغان. نۇرغۇنلىغان ئاۋام خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋېلىشىغا ھەمدەمدە بولغان. مۇھەممەت ئابلىز ئەپەندى مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىم ھەرگىزمۇ بىرەسىنىڭ مۇكاپاتلىشى ۋە ياكى ماختىشى ئۈچۈن ئەمەس. ھازىر ھاۋا باغانسىرى سوۋۇپ كەتتى، ھەر يىلنىڭ مۇشۇنداق كۈنلىرىدە مەن شۇ قىيىنچىلىقتا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەسلەيمەن. ناۋادا مۇمكىن بولسا ناھىيىمىزدىكى كۆپلىگەن خەير-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن». (ئاۋات ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ھەسەنجان مەمتىل خەۋىرى ۋە فوتوسى)
سۈرەتتە مۇھەممەت ئابلىز ئەپەندى بالىلار بىلەن بىرگە(ئارقا رەت سولدىن ئىككىنچى كىشى).
مەنبە: خەلق تورى