شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 23-يانۋار، كانادانىڭ كېبەك ئۆلكىسىدىكى بىر ياشانغانلار سارىيىغا ئوت كەتتى، ساقچىلارنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇشىچە ئۈچ كىشى قازا قىلغان، 30 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياشانغانلار سارىيىدا 50-60 ياشانغان كىشى بار بولۇپ، تولىسى 80 ياشتىن ئاشقان، ھەرىكىتى قولايسىز، بەزىلىرى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئىكەن. قىشتا شامال كۈچلۈك بولغاچقا، ئوت ياشانغانلار سارىيىنى بىر دەمدىلا يۇتىۋەتكەن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئوتنى كونتىرول قىلىپ بولغاندا، ئىمارەت ئاللىقاچان كۆيۈپ كۈل بولغان.