روۋھانىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى تېھران مېھىرئاباد ئايرودۇرۇمىدىن ئايرىلغاندا، بىرەيلەن بىر پاي ئاياغنى روۋھانىنىڭ ئاپتوموبىلىغا قارىتىپ ئاتقان ، روۋھانىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئۇنى ئوراۋېلىپ قوغدىغان . خەۋەردە دېيىلىشىچە ، ئاياغ ئېتىش ۋەقەسى روۋھانى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن بولغان