خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: برازىلىيە مالىنگادا، برازىلىيەدىكى بىر ئائىلە ئىت، مۈشۈكنى ئەرمەك ھايۋان ئورنىدا باققىنىغا قانائەت قىلماي يەتتە يولۋاس باققان. ئايياس بورگېسنىڭ ئەڭ ئاۋۋال يولۋاس بىلەن ئۇچرىشىشى سېرك ئۆمىكىدىكى ئىنتايىن ناچار مۇھىتتىكى ئىككى يولۋاسنى قۇتۇلدۇرۇشتىن باشلانغان. يولۋاسلار ئۇنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئۈچ قىزى بىلەن بىرگە تاماق يەپ، يۇيۇنۇپ، ئويناپ، كىچىكىدىن بىرلىكتە چوڭ بولغان ئىكەن. بۇ «چوڭ مۈشۈك»لەر ئۇنىڭ ئائىلسىدە ھازىرغىچە ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن ئىنتايىن ئېچەكىشىپ كەتكەن ئىكەن. بۇ ۋەھشىي ھايۋانلار بۇ بىر ئائىلىلىكلەر ئالدىدا ئىنتايىن مۇلايىم ئىكەن.