خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-سېنتەبىر كۈنى كەچتە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىردەك قارار ماقۇللاپ، سۇرىيەنىڭ خېمىيەلىك قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆيدۈرۈۋېتىشنى قارار قىلدى. بۇ سۇرىيەدە توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ماقۇللىغان سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى تۇنجى قارار لايىھەسى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 چوڭ دائىمىي ئەزا دۆلەت دېپلوماتىيە مىنىستېرلىرىنىڭ ھەممىسى قارارنى ئاۋازغا قويۇشقا قاتناشتى، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرى ۋاڭ يى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر