ئىران زۇڭتۇڭىنىڭ خاس ئايروپىلانى تېھران مېھىرئاباد خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قوندى ، روۋھانى ئايروپىلاندىن چىقتى
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 28-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە ، ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روۋھانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ، 28-سېنتەبىر ئامېرىكا نيۇيوركتىن تېھرانغا قايتىپ كەلگەندە ، ئايرودۇرۇمدا بىرەيلەن بىر پاي ئاياغنى روۋھانىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئاتقان . شۇ كۈنى ، 60 تەك ئادەم ئايرودۇرۇم سىرتىغا يىغىلىپ ، روۋھانىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئۆتكەندە ، ‹‹ئامېرىكىلىقلار ئۆلسۇن ! ›› ۋە ‹‹ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆلسۇن ! ›› دەپ ۋارقىرىغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، زۇڭتۇڭ روۋھانىنىڭ 200 ~ 300 دەك قوللىغۇچىسى ‹‹رەھمەت سىزگە ، روۋھانى›› دەپ توۋلىغان .