خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 23-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا روسىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى سىبېرىيەنىڭ توڭ يەر بەلۋىغىدا تارىختا ئەڭ ياخشى ساقلانغان يېتىلگەن مامونت پىلىنىڭ تېنىنى بايقىدى. بۇ بايقاشنىڭ تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ مامونت پىلىنىڭ DNA سىرىنى يېشىشكە ياردىمى بولىدىكەن، ھەتتا ئاللىقاچان نەسىلى قۇرۇپ كەتكەن مامونت پىلىنى «تىرىلدۈرۈش»كىمۇ بولىدىكەن. نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى بۇ ئەۋرىشكىگە ئېرىشىپ، تەپسىلىي DNA ئانالىز ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۇشمۇ-تۇشتىن خېرىدارلىق قىلماقتا.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر