لى لىشىڭ ۋە ئۇ سېتىۋالغان دالىدا يۈرۈش ئىقتىدارى ئاجايىپ ياخشى «خاممېر» ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ماشىنىسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2012-يىل، شياۋشەنلىك بىر خوجايىن «خاممېر» ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، 9 يىلدا 1531 قېتىم ۋەزىپە ئورۇندىدى. ھازىر ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ 8 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، قىممىتى 7 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ھەرخىل ئوت ئۆچۈرۈپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى بار. بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى لى لىشىڭ سېتىۋالغان، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ يىلىغا 800 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان خىراجىتىنىمۇ لى لىشىڭ بىر ئادەم ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «2003-يىلى 4-ئايدا بۇ ئەل ئىچى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنى قۇرغاندىن تارتىپ، ھەرخىل گەپ سۆزلەر بولدى، مېنى بىر سودىگەر قانداقمۇ بۇنداق زىيان تارتىدىغان سودىنى قىلىدىغاندۇ دېيىشتى، ئەمما پۇقرا بىزگە مۇھتاج بولسىلا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ، شۇڭا مەن يەنىلا داۋاملاشتۇرىمەن»