خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يوپۇرغا ناھىيىسىدە يىمەكلىك مەدەنىيىتى ئاستا-ئاستا گۈللىنىشكە باشلىدى، ھەممە يەردىلا ھەرخىل خاسلىققا ئېگە رېستۇرانلار ئېچىلدى. كىشىلەر خالىغان بىرەر رېستۇرانغا كىرسىلا ئوخشىمىغان ئېسىل نېمەتلەردىن لەززەتلىنەلەيدۇ. بەزى ئۇششاق يىمەكلىك دۇكانلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك مېھمانلارغا لىق توشۇپ كېتىدۇ.
يوپۇرغا ناھىيىسى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە يىمەكلىك ۋارىسلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا بۇرۇندىنلا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى مەخسەتلىك قوغداپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىش، ھەمدە مىللىي ئەل ئىچى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، يېتەكلەش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلغايتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا زۆرۈر بولغان پائالىيەت شارائىتى ۋە مۇھىتى يارىتىپ بەردى. مىللىي ئەل ئىچى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت ۋە يىمەك-ئىچمەكلىرىنى ئېسىل مەھسۇلات ماركىسى قىلىپ چىقىپ، كەسپلەشتۈرۈپ، بازارغا سېلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ساياھەت مەدەنىيىتى كەسپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي جەھەتتىن قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.