- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خۇنەن جىڭجوۋ ناھىيەسىدە زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 248 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتتى
2013.08.07 17:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە كۆيۈپ كەتكەن خۇنەن ئۆلكىسى جىڭجوۋ مياۋزۇ-توڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى سەييا يېزىسى جياڭكوۋ كەنتى 4-، 5- گۇرۇپپىسى جايلاشقان مەھەللە.
شۇ كۈنى سائەت 9 ئەتراپىدا خۇنەن ئۆلكىسى جىڭجوۋ مياۋزۇ،توڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى سەييا يېزا جياڭكوۋ كەنتى 4-،5- گۇرۇپپىسى جايلاشقان مەھەللىدە زور كۆلەملدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئوت ئۆچۈرۈش ئەسكەرلىرىنىڭ 5 سائەت پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئوت ئاللىقاچان ئۆچۈرۈلدى. دەسلەپكى سىتاتېستىكىدىن قارىغاندا ئوت ئاپىتىدە 58 تۈتۈندىكى 248 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتكەن، بىراق بىرمۇ ئادەم يارىلانمىغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار تۇردى