مۇرسى قەبىلىسى چارۋىچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، پەسىلگە قاراپ كۆچىدۇ، ياشقا چوڭراق ئاياللار ئىلگىرىكىدەكلا كالپۇكىنىڭ ئۈستىدىن تۆشۈك تېشىپ، يوغان ساپال تەخسە پاتتۇرۇۋېلىشنى گۈزەللىك دەپ بىلىدۇ، مۇشۇنداق ياسانمىغان ئاياللارغا مۇرسى ئەرلىرىنىڭ نەزەرى چۈشمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، قىزچاقلاردىن كالپۇكىغا تەخسە قىستۇرۇۋالىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىدى، لېكىن قۇلىقىنى كېسىپ تەخسە قادايدىغانلار يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۆپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تېخىچە قورسىقى ۋە بىلىكىنى كېسىپ رەتلىك تارتۇق قالدۇرۇپ، بىر خىل ئىپتىدائىي ياۋايى گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ.