داسسانچ قەبىلىسى ئېفىئوپىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئومو دەرياسى (RiverOmo) بويىدا ياشايدىغان ئىنتايىن كىچىك بىر قەبىلە. بۇ قەبىلە سەككىز مىللەت توپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى بار، كېنىيەنىڭ شىمالىدىكى تىركانا كۆلى بويىدىكى تىركانا قەبىلىسى بىلەن يېقىن.ئۇلار ئۆزىگە خاس تىلدا سۆزلىشىدۇ. ئاياللار ئۈستى بەدىنىگە كىيىم كىيمەيدۇ، بويۇن ۋە بىلەكلىرىگە ئاددىي بېزەكلەرنىلا تاقىۋالىدۇ، ئۇلار ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ ئاستىدىن بىر كىچىك تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا پەي قاتارلىق بېزەكلەرنى قىستۇرۇۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.