مەرمەر تاشتىن ياسالغان يول، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن تام، ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن لېفىت.... سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتقا ياسىلىدىغان مېترو دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك مېترو بولۇپ قالغۇسى.
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 20-ماي خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئابدۇللا ئالدىنقى كۈنى، كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە پايتەخت رىيادتا ئالتە لىنىيەلىك مېترو سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ھەمدە بۇ مېترونى دۇنيا بويىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك مېترو قىلىپ قورۇپ چىقىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.