بۇندىن ئون يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى بۇش بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن تارتىپ تاكى 2011-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەسكىرى ئېراقتىن چېكىنىپ چىققانغا قەدەر، ئىراقتىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئامېرىكىنىڭ جەمئىي 4475 ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 32 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى يارىلانغان. ئەسلىدە 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىش مۆلچەرلەنگەن بۇ ئۇرۇشتا، بىۋاسىتە چىقىم 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇرۇشنىڭ ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىگە ۋە خەلقىگە ئېلىپ كەلگەن روھىي ئاسارىتىنى ئۇنتۇش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.