باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

لى يۇڭ ئانا مەكتىپىدە تىزىمغا ئالدۇرغاندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈردى

2013.03.22 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئاينىڭ 21-كۈنى، داڭلىق رىياسەتچى لى يۇڭ ئايالى خا ۋېن بىلەن بىللە جۇڭگو تارقىتىش ۋاسىتىسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىغا كېلىپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى سالاھىيىتىدە «ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى». ئۇ تۆۋەندە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ «قانچىلىك زېھنىڭىز بىلەن بىزگە دەرس سۆزلەيسىز؟» دېگەن گۇمانىي سوئالغا قارىتا، قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، لى يۇڭنىڭ ئاساسلىق زېھنى جۇڭگو تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدە» دېدى. (تەكلىپلىك مۇخبىر جاڭ يۈ فوتوسى)

  «نېمە سەۋەبتىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئايرىلىسىز؟» دېگەن سوئالغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان رىياسەتچى لى يۇڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ئايالى خا ۋېن بىلەن بىللە جۇڭگو تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ 1500 كىشىلىك ئىلمىي دوكلات زالىغا كېلىپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى سالاھىيىتى بىلەن «ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى». ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئايرىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەپسلىي چۈشەندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانىي سوئاللىرىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ۋاز كېچىپ شەرقىي جەنۇب سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيەسىدە رىياسەتچى بولۇپتۇ دېگەن سۆز-چۆچەكلەرنى ئىنكار قىلدى ھەمدە مېنىڭ ئاساسلىق زېھنىم ئوقۇتۇشتا، دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: لى يۇڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن مەكتەپكە يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە