باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئېغىشماي ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات(1)

2012ـ يىل 11ـ ئاينىڭ 8ـ كۈنى خۇ جىنتاۋ

2012.11.20 15:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يولداشلار∶
ھازىر مەن پارتىيە 17ـنۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18ـقۇرۇلتىيى ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغان پەيتتە چاقىرىلغان ناھايىتى مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى∶ جـۇڭـگـوچـە سـوتـسـىـيالـىـزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نـەزەرىـيـەسـى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئېغىشماي ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.

  مۇشۇ پەيتتە، ھەممىمىز شۇنى ھېس قىلماقتىمىزكى، 90 نەچچە يىللىق جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامرات-قالاق كونا جۇڭگونى كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىۋاتقان، بېيىپ قۇدرەت تېپىۋاتقان يېڭى جۇڭگوغا ئۆزگەرتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. بىز پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز بەرپا قىلغان تارىخىي ئۇلۇغ تۆھپىلەردىن ھەسسىلەپ پەخىرلىنىمىز، پارتىيەمىز ۋە خەلقىمىز تۇرغۇزغان غايە ۋە ئېتىقادنى ھەسسىلەپ چىڭىتىمىز، پارتىيەمىز زىممىسىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيەت ئالدىدا كاللىمىزنى ھەسسىلەپ سەگەك تۇتىمىز.

  نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ ئەھۋالى، دۆلىتىمىزنىڭ ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئەھۋالىدا داۋاملىق چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بىز مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگىمۇ، خەۋپ-خەتەر سىنىقىغىمۇ دۇچ كەلمەكتىمىز. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، دەۋر يۈكلىگەن شەرەپلىك ۋە مۈشكۈل ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.


  1. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە ئون يىللىق ئاساسىي خۇلاسە

  17-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل بولدى.قۇرۇلتايدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 17-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت يەتتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئومۇمىيلىققا چېتىلىدىغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقاردى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز 11-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، ھەر جەھەتتىكى خىزمەتلەردە يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  ئىقتىساد سىلىق، بىرقەدەر تېز راۋاجلاندى. ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 2011-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 47 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى. مالىيە كىرىمى زور ھەجىمدە كۆپەيدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشتى، ئاشلىق مەھسۇلاتى يىلمۇ-يىل ئېشىپ باردى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، ئۇل ئەسلىھە ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. شەھەر-بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، شەھەر-يېزا ۋە رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيدى. ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، ئادەملىك چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈش، سۇپېر كومپيۇتېر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىق ساھەلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن يولغا قويۇلدى، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش ئەتراپلىق ئالغا سىلجىتىلدى.

  ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتە زور ئىلگىرىلەش بولدى. يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك ساغلام تەرەققىي قىلدى. زامانىۋى بازار سىستېمىسى ۋە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز ساغلاملاشتى، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، باھا، پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش ساھەلىرىنىڭ ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھاتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى سەۋىيەگە يېتىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 
【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە