باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىشنىڭ «يوشۇرۇنلىشىپ كېتىشى»گە سەگەك بولايلى

لى جېڭ

2013.09.22 11:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، مەركەز ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي چەكلەپ، بايرامنى پاك-دىيانەتلىك ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بازاردا ئەرزان باھالىق ئايتوقاچ تالاشتا قالدى؛ كوچىلاردا سوۋغات ئېلىپ ماڭغان ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى كۆرگىلى بولماس بولدى. ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش ئۆتكەن يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئازايدى. لېكىن يەنە بەزى جايلاردا ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش ۋىروسى باشقا سىياققا كىرىۋېلىپ، «كۆرۈنمەس تون»غا ئورۇنىۋېلىپ، ئادىمىگەرچىلىك بازىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرمەكتە، بۇ يوشۇرۇن خەۋپتىن ھۇشيار بولمىساق بولمايدۇ.

  ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىشنىڭ يوشۇرۇن شەكىللىرى يېپيېڭى تۈسكە كىردى: بەزىلەر توردىن مال سېتىۋېلىپ، بوسۇغا ئاتلىماي تۇرۇپلا سوۋغا بېرىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر ئېلېكتىرونلۇق سوۋغات كارتىسى ئارقىلىق «ئىس-بۇسىنى چىقارماي سوۋغا بېرىۋاتىدۇ»؛ بەزىلەر قىممەت باھالىق سوۋغا سېتىۋېلىپ، تالونىغا ئىشخانا بۇيۇمى دەپ يازدۇرۇۋاتىدۇ... ھەممىسىلا مەركەزنىڭ تەلىپىنى شەكىل ئۈچۈنلا ئىزچىللاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاستىرتىن باشقىچە يول تۇتۇۋاتىدۇ. بۇنداق «قاش-كۆزىنى ياساپ قويۇش» ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىشنىڭ چىرىك ماھىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەكسىچە مەركەزنىڭ سىياسەت-بۇيرۇقلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى تۆۋەنلىتىپ، زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يوشۇرۇن شەكىلدە ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش قىلمىشىنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈپ زەربە بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىشقا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، توردا ئۇلارغا ئورۇن بەرمەسلىك لازىم؛ جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىشنى كوچىغا چىقىپ قالغان چاشقاندەك ئۇر-ئۇرغا قالدۇرۇش كېرەك؛ پاكلىق مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «سوۋغا بەرمەيدىغان، سوۋغا ئالمايدىغان» ئەخلاقىي ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ھەممە بىرلىكتە باشقۇرۇپ، قاتتىق زەربە بەرگەندىلا، ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىشنىڭ تۈرلۈك يوشۇرۇن شەكىللىرىنى يىلتىزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بايرامنى ھەقىقىي پاك-دىيانەتلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر