- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى بىر خىل رېئال ھوقۇقتۇر
خەلق گېزىتى ئوبزورى
2013.03.08 15:27 مەنبە: خەلق تورى
بۈگۈن 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى. بىز بۇ گۈزەل بايرام كۈنىدە ئاياللارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز ۋە بەخت تىلەيمىز!
ئاياللار ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇلۇغ كۈچ. ئۇلار ئائىلىنىڭ ئۇل تېشى. بىر ئائىلىدە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھازىرلىقىسىز ئىللىقلىق ۋە ئىناقلىق بولمايدۇ. ئۇلار شەرەپلىك ئەمگەكچىلەر ۋە قۇرغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى سىڭمىگەن بولسا، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا بۈگۈنكىدەك زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلمىگەن بولاتتى.
«ئەرلەر ۋە ئاياللار زېمىندا بىللە ياشايدۇ. چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۇلار باراۋەر بولۇشى كېرەك». ئاياللارغا بولغان ھۆرمەت دەرىجىسى بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ بەلگىسى.
نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا ھاكىميەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئايال ۋەكىللەر ۋە ئايال ئەزالار جۇڭگودا ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە ئاياللار ئىشلرىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە