باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش

2012.11.12 08:42        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە سىگنال بەردى، دوكلاتتا سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلەش كېرەك دەپ تەلەپ قويۇلدى.

  چاڭچۈن كىنو گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋەكىل ليۇ لىجۈەن مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش پارتىيەنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ، بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، چۇڭچىڭ ئويۇن قويۇش گۇرۇھىنىڭ سەنئەت باش نازارەتچىسى ۋاڭ يافېي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشكە يەنە بىر نۇقتىدىن شاھىد بولدى.

  2010-يىلى 4-ئايدا چۇڭچىڭدىكى 4 مەدەنىيەت ئورنى بىرلەشتۈرۈلۈپ، چۇڭچىڭ ئويۇن قويۇش گۇرۇھى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. بۇ گۇرۇھنىڭ 2011-يىلدىكى كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

  16-قۇرۇلتايدىن 18-قۇرۇلتايغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا مەدەنىيەت ساھەسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ناھايىتى ئېنىق بىر نەتىجىنى تاپشۇردى، جۈملىدىن 580 نەچچە نەشرىيات ، 3000دىن ئارتۇق شىنخۇا كىتابخانىسى، 8500 كىنو ئىشلەش، تارقىتىش، قويۇش ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كارخانا تۈزۈمىگە ئۆزگەردى، جۇڭگو دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش دۆلىتى ۋە ئۈچىنچى چوڭ كىنو ئىشلەش دۆلىتىگە ئايلاندى، كىتاب نەشرىيات بۇيۇملىرى ۋە گېزىت تارقىتىش مىقدارى جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئېلىمىزنىڭ يادرولۇق مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت سوممىسى 2001-يىلدىكى 3 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 2011-يىلى 18 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

  18-قۇرۇلتاي دوكلاتى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە زور گۈللىنىشى ئۈچۈن ئېنىق نىشان كۆرسىتىپ بەردى، 18-قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاۋ جېڭيوڭ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئومۇمىي قېلىپىغا قويۇپ تونۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مول مەزمۇنى ۋە نىشانىنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيمىز.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە