باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋەكىلى يۈ كەيشىن: بۇ يەردە يۈرەك سۆزلىرىمنى ئېيتىمەن دەپ ئويلىماپتىمەن

2012.11.12 08:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەن بۇ قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ مۇنداق ئۈچ ئويلىمىغان ئىشقا يولۇقتۇم، بىرىنچىسى، مەن 2000-يىلى ئىشچى باشلاپ بېزىگەن جۇڭگو ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسىگە چۈشۈشىمنى ئويلىمىغان، ئىككىنچىسى، خەلق سارىيىنىڭ خۇبېي زالىنىڭ يەر يۈزىنى ئىنىم 1994-يىلى ئىشچى باشلاپ ئۆزگەرتكەن، ئويلاپمۇ باقمىغان ئۈچىنچى ئىش بولسا مەندەك سىرتلاردا ئېقىپ يۈرگەن دېھقان ئىشلەمچىنىڭ 18-قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ قېلىشىم بولدى. بۇ پارتىيە دېموكراتىيىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى.

  10-نويابىر چۈشتىن كېيىن خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىل يۈ كەيشىننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى بىراقلا پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  ۋەكىل يۈ كەيشىن مۇنداق دېدى: شياۋگەن شەھىرىدە بىر مىليون 150مىڭ دېھقان ئىشلەمچى بار، ئۇلار ئاساسلىقى بىناكارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەرقىي شىمال تام ئاقارتىش بازىرىدا شياۋگەنلىكلەر 90 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.

  ۋەكىل يۈ كەيشىن ئاساسى قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەردىن ئىبارەت بۇ كۆچمە توپقا بولغان مۇھىملىقى ھەققىدىكى تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ: شياۋگەن شەھىرى بېيجىڭ، شەرقىي شىمال، چېڭدۇدا ئۈچ كۆچمە پارتكوم، جەمئىي سەككىز باش ياچېيكا، 150 ياچېيكا قۇردى. بۇ پارتىيەنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرگە بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ دېدى.

  يۈ كەيشىن مۇنداق دېدى: بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەزگىلدە چەتئەللىك مۇخبىرلار مەندىن دېھقان ئىشلەمچى دېگەن نېمە دەپ سورىغان، مەن يىغىنچاقلاپ: سالاھىيىتى دېھقان، ئىشچىنىڭ ئىشىنى قىلىدىغان، دېھقاننىڭ ئاساسىي شارائىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كىشى دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم.

  يۈ كەيشىن يولغا چىقىش ئالدىدا نۇرغۇن دېھقان ئىشلەمچى قېرىنداشلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىغا بولغان مۇنداق ئۈچ ھاۋالىسىنى ئېلىپ كەلدى يەنى بىرىنچىسى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى ياخشىلانسا ھەمدە ئەرزان ئىجارە ئۆيلەر بىلەن تەمىنلەنسە. ئىككىنچىسى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈلسە. دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلسە بۇندىن باشقا، دېھقان ئىشلەمچىلەر ئۆزى خىزمەت تېپىشتىكى تۈرلۈك باج ئېلىش ۋە چىقىملىرى كەچۈرۈم قىلىنسا.

  ئۈچىنچىسى، دېھقان –ئىشلەمچىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەقىقىي ھەل قىلىنىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈش. شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىدىن مەكتەپ تاللاش ھەققى ۋە باشقا مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇش ھەققى ئېلىشى تۈگۈتىلسە.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە