- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتا يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشتى
2012.11.11 14:52
2012-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىدىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلار بويىچە، كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈم، زور كۈچ، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل يوللارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، ئالاھىدە ئىشلارنى ئالاھىدە بېجىرىپ، جىددىي ئىشلارنى تېز بېجىرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى قۇرۇلۇشىنى بالدۇر پۈتتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا 101 مىليارد 93 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، %41.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قاتارلىقلارغا سېلىنغان مەبلەغ خەلق تۇرمۇشىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ تەخمىنەن %90نى ئىگىلىدى.
ئۇندىن باشقا، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى يېزا بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 401 مىڭ 600گە يەتتى، شەھەر بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %2.86 بولدى، بۇنى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 0.16 فوئىنتى ئاز بولۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشاندىكى ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى بىر قەدەر ياخشى بولدى، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەردىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار مۇقىم كۆپەيدى. شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە نەق پۇل كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.1 ۋە %19.5 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە