خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 23- كۈنى، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە، كىشىلەر قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى كىيىملەرنى كىيىشىپ، رىم شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2770 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، كىشىلەر قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىشىپ، ماھارەت مەيدانى، ۋېنىتسىيە مەيدانى، رىم مەيدانى ۋە گىلادىئاتورلار مەيدانىنى چۆرىدەپ، رىم شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2770 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، رىم شەھىرى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 753-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلغان ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى