5- نۆۋەتلىك 2016-يىللىق جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى 20-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە باشلاندى. تەڭرىتاغ تورى خىزمەتچى-خادىملىرى كۆرگەزمىنىڭ ئەھۋالىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىغا، شۇنداقلا مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئابونتلارغا ۋاقتىدا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، كۆرگەزمە باشلىنىشتىن بۇرۇنلا جاپالىق خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى. ئۇلار ھەرقايسى كۆرگەزمە ئورۇنلىرىدا زىيارەت قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ ھەقىقىي رولىنى خەلققە ئەينەن تونۇتتى.