شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاپرېل ئايلىرىدا كۈنەس ناھىيەسىگە كەلسىڭىز ئالما چېچەكلىرىنىڭ ھىدىدا مەستخۇش بولىسىز. 25-ئاپرېل، كۈنەس ناھىيەسى قارابۇلاق بازىرى قىزىلتال كەنتىدىكى چارۋىچىلار موتوسىكلىت ۋە ۋېلىسىپىتلەرنى ھەيدەپ ئەتراپى قورشالغان مېۋىزارلىقتىن كېسىپ ئۆتۈپ، داڭلىق رەسساملارنىڭ قايناق ھېسىياتى بىلەن يۇغۇرۇلغان نادىر سۈرەتتەك مەنزىرە ھاسىل بولدى. كۈنەس ناھىيەسى مەملىكىتىمىزدىكى ياۋا ئالمىزارلىق ئاساسلىق تارقالغان رايون بولۇپ، بۇ جايدىكى ياۋا ئالمىزارلىق دۇنيادىكى مۆتىدىل بەلباغ مېۋە دەرەخلىرى ئېرسىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە گېن تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان گېرمپلازما گېن ئامبىرى.نۇرغۇن قەدىمكى ئالما سورتلىرى دەل مۇشۇ جايدا يېتىشتۈرۈلىدىغان بولغاچقا ھازىرقى زامان ئالما يېتىشتۈرۈش مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.