جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجۇ ناھىيەسىدە 20-مارت قاتتىق يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا ھۆلچىلىك ئاپىتى كۆرۈلگەن. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، جەنۇبىي جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان بولۇپ، قىسمەن جايلاردا ياغىدىغان يامغۇرنىڭ مىقدارى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېكسترېمۇم قىممىتىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنكەن.