خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-يانۋار سۇداننىڭ خارتۇم شىتاتى يارمۇك مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا يېڭى مەكتەپ فورمىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن «يېڭى ئۈمىد، يېڭى مەكتەپ فورمىسى» تۇنجى تۈركۈمدىكى مەكتەپ فورمىسىنى ئىئانە قىلىش مۇراسىمى سۇداننىڭ خارتۇم شىتاتى يارمۇك مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى، شۇ جايدىكى ئالتە نامرات مەكتەپ «جۇڭگو - سۇدان دوستلۇقى» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن 2700يۈرۈش مەكتەپ فورمىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى