باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

يېڭى سىياسەت تەدبىرى قاتتىق ئېھتىياجغا مەدەت بېرىدۇ

2013.03.08 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:مۇئاۋىن تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرى چى جى 5-فېۋرال دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونتۇرۇل قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى بەش تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى سىياسەت تەدبىرى قاتتىق ئېھتىياجغا مەدەت بېرىدۇ. ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونتۇرۇل قىلىش سىياسىتىمىز قاتتىق ئېھتىياجغا مەدەت بېرىپ، نامۇۋاپىق ئېھتىياجنى تىزگىنلەيدۇ. بەزىلەر %20 لىك تاپاۋەت بېجىنى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆي باھاسى ۋاستىلىق ئۆسۈپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرىمەكتە.

  چى جى مۇنداق دېدى: سىياسەتنى يولغا قويۇپ ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايمىز. ئالدى بىلەن تاپاۋەت كىرىمى تاپاۋەتكە ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ تۆلەيدىغان بېجى. خۇددى مائاش تاپاۋەت بېجىگە ئوخشاش كىرىم تىجارەت خاراكتېرلىك كىرىمگە ئىگە بولسا، شۇ كىشى باج تۆلەيدۇ. ئەگەر بىز تاپاۋەتكە ئېرىشكۈچىلەر تۆلىمەسلىك ئەھۋاللىرىنى بايقاپ قالساق ، كېيىن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى چىقىرىمىز.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەن تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ 5- فېۋرال مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ئېلېكتىرلىك ماشىنىلار قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماشىنىلار ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ۋەن گاڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز 2009-يىلىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن ئاممىۋى قاتناش ساھەسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سەپلىدى. پىلان بويىچە ئېيتساق 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ خىل ئاپتوموبىللار 39 مىڭ 800 دىن ئاشىدۇ. ھاۋا بۇلغۇنىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى كۆپەيتىش ھازىرقى جىددىي ئىش. ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىللار دىزېل گېنېراتورلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. بۇنىڭدا قاتناش باشقۇرۇش، ئېلېكتىر، كەسپىي تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}