يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 8-ئاينىڭ 19-كۈنى فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئارامگاھ برېگانسوندا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى فرانسىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىراق ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سۈرىيە مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ يەنىلا مەۋجۇت.
ئۇچرىشىشتىن ئاۋال، ماكرون پۇتىن بىلەن بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى. ماكرون مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كۆپتەرەپچىلىك خىرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر يېڭى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە بىخەتەرلىك ۋە ئىشەنچنى قايتىدىن بەرپا قىلىشى كېرەك، فرانسىيە بۇ ھەقتە ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ.
پۇتىن مۇنداق دېدى: ھەر قانداق شەكىلدە ئالاقە قىلىپ تۇرۇشنىڭ پايدىسى بار، رۇسىيە ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى يوققا چىقارمايدۇ. رۇسىيە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا قاتنىشىشنى ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمىدى، ئىلگىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتى بار ئىدى، بىراق غەرب ئەللىرى قاتنىشىشنى رەت قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ