مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىران ئەمەلدارى: «گرېس 1-نومۇر» ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا كىرمەكچى

2019.08.21 17:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئەنگىلىيەنىڭ چەتئەلدىكى گىبرالتار دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىراننىڭ خام نېفىتى قاچىلانغان ماي پاراخوتىنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئىران ئەمەلدارى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى: «گرېس 1-نومۇر» ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا كىرمەكچى، دېدى.

  ئىران پورتى ۋە دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جەلىل ئىسلامى ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا: «گرېس 1-نومۇر»غا قايتىدىن نام بېرىلىدۇ ھەمدە كېيىنكى سەپىرىدە ئىران بايرىقى ئېسىلىدۇ، 25 پاراخوت خادىمى يېقىلغۇ ماي قاچىلاش قاتارلىق زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يولغا چىقىدۇ، دېدى.

  ئىسلامى مۇنداق دېدى: بۇ ماي پاراخوتىغا ئەسلىدە پاناما بايرىقى ئېسىلغان بولۇپ، 2 مىليون تۇڭ ئىران نېفىتى قاچىلانغان. كېمە ئىگىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، « گرېس 1-نومۇر» ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاسىدۇ، نامىنى« ئادرىئاندارىيا» قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ .

  گىبرالتار دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە «گرېس 1-نومۇر»نى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالىشىغا خىلاپلىق قىلىپ، سۈرىيەگە نېفىت توشىدى، دېدى. ئىران بۇنى ئىنكار قىلدى .

  گىبرالتار دائىرىلىرى مۇنداق دېدى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدىغان ھەرقانداق دۆلەتتە «گرېس 1-نومۇر»دىكى نېفىتنى چۈشۈرۈۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا رەسمىي يازما كاپالەت بەردى، شۇڭا «گرېس 1-نومۇر»نى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدۇق.

  گىبرالتارنىڭ باش ۋەزىرى فابىئان پىكال ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «گرېس 1-نومۇر» زۆرۈر تەييارلىقنى قىلىپ بولغان ھامان بۇ يەردىن ئايرىلىدۇ، دېدى.

  بىراق، ئىران گىبرالتار دائىرىلىرىگە كاپالەت بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، گىبرالتارنىڭ ئىران كاپالەت بەردى، دېيىشى «ئابرويىنى ساقلاپ قېلىش » ئۈچۈن، دېدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئابباس مۇساۋى ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئىران «گرېس 1-نومۇر»نىڭ قويوپ بېرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇرىيەگە بارماسلىق ھەققىدە كاپالەت بەرمىدى، دېدى.

  گىبرالتار دائىرىلىرى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەلەپكە ئاساسەن«گېرىس 1-نومۇر»نى تۇتۇپ قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك، دەپ قارىدى. گىبرالتار دائىرلىرى ئامېرىكىنىڭ كونكرېت كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلمىدى، تاراتقۇلار ئامېرىكا «گرېس 1-نومۇر»نى تېررورلۇققا چېتىشلىق دەپ قارىدى، دەپ خەۋەر بەردى.

  پىكال ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان «گرېس 1-نومۇر»نىڭ ئايرىلىشىنى ئەڭ ئاخىرىدا توسۇش قىلىش- قالماسلىق تەلىپىنى كۆزدە تۇتۇپ: بۇنىڭغا گىبرالتار ئالىي سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئىجتىمائىي تاراتقۇ « تېۋىتىر»دا سۆز قالدۇرۇپ، بارلىق پاراخوت خادىمىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىران ئىسلام ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك پاراخوتقا پاراخوت خادىملىرىلا چىقسا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئامېرىكا ئىلگىرى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى « تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ بېكىتكەن، ئىران بۇنىڭغا كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرگەن .

  گىبرالتار دائىرلىرى « گرېس 1-نومۇر»نى تۇتۇپ قېلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئىران 7-ئاينىڭ 19 كۈنى ھورمۇز بوغۇزىدا ئەنگلىيە بايرىقى ئېسىلغان «شىدەننا ئىمپېرىيەسى» ناملىق ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئۇنى ئىران بېلىقچىلىق كېمىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ھەمدە كۆپ تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، دېگەن. ئەنگلىيە ئىراننىڭ پاراخوتىمىزنى تۇتۇپ قىلىشى قانۇنسىز، دەپ قاراپ، ئەنگلىيەنىڭ ماي پاراخوتىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گىبرالتار دائىرلىرى «گرېس 1-نومۇر»نى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ئىراندىن داۋاملىق «شىدەننا ئىمپېرىيەسى» ناملىق ماي پاراخوتىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ