سۈرەتتە: نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا تارتىلغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكۈزگەن كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مەسىلىسى يىغىنى (3-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 19- مارت كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1540 كومىتېتىنىڭ رەئىسى دجانى: دۇنيا بويىچە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشتا «كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى