3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ مۇدىرى رېيالا (ئارقا رەت ئوڭ تەرەپتىن 1-كىشى) خەت يازغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىتالىيە رىم دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ 5- يىللىقىدىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچى جوۋانى ھاياجانلانغان ھالدا: «پەقەت ئويلىماپتىمەن! ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم»، دېدى.
يېقىندا، پات ئارىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان بۇ ياش ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىرلىكتە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قىزغىن ھېسسىياتقا تولغان بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلار خەنزۇچە ئۆگىنىشتىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە ھوسۇلىنى ھەمبەھىرلەپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنى تەرىپلىدى.
18-مارت، مۇخبىر رىم دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتىپىدە بۇ بىر نەچچە جۇشقۇن ياشلارنى كۆردى، ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى توغرىسىدا قىزغىن مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بولۇپ، سۆزلىرىدە كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشى ئەكس ئەتكەن ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى