2019- يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى، بىر ئىشچى ئىراقنىڭ موسۇلدىكى نۇرى مەسچىتى خارابىسى ئالدىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
بىر دۆلەتنى ۋەيران قىلىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ 16 يىل ئىلگىرىكى ئىراق ئۇرۇشى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى.
2003-يىلى 3-ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئويدۇرما ئىكەنلىكى كېيىن ئىسپاتلانغان «ئىراق ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى يوشۇردى» دېگەن سەۋەب بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرغان ئەھۋالدا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ھەش-پەش دېگۈچە، ئىراق ئۇرۇش ئوتى پاتقىقىغا پېتىپ قالدى.
بىر دۆلەتنى قايتا قۇرۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، 16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھەممە تېخى ئەمدى باشلانغان ئىدى.
16 يىل ئىچىدە، ئۇرۇش بۇ دۆلەتنى قالايمىقانچىلىقتا قالدۇردى، تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە مەزھەپ توقۇنۇشى نورمال ھالەتكە ئايلاندى. زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق، بۇ ئىلگىرى باي، ئاۋات دۆلەتنى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىدىن مەھرۇم قالدۇردى. دۇنيا بويىچە شەھەر تۇرمۇشى سۈپىتىنى رەتكە تۇرغۇزغاندا، باغدات ئۇدا ئون يىل ھەر يىلى ئارقىدىن بىرىنچى بولدى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە بىخەتەرلىك ئەھۋالى ئەڭ ناچار شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
«بۇ يەر بىزنىڭ خاتىرىمىزدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ، ئامېرىكىلىقلار ۋە ھۆكۈمەت بۇ يەردە بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئىگىلىدى»،- دېدى باغدات شەھەر ئاھالىسى ئەدنان كۈرەش.
ئىراقتىكى سىياسىي تەھلىلچى ناجىپ جۇبۇلنىڭ قارىشىچە، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى چىرىكلىك مەسىلىسىگە پائال تاقابىل تۇرۇشى، ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ تەدرىجىي نورمال تۇرمۇشقا قايتىش قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك ئىكەن. جۇبۇل: «ئىنسانلار دۇنياسىدىكى تىراگىدىيەنى باشتىن كەچۈرگەن ئىراقلىقلار ئاۋات كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان پۇرسەتنى يەنە قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى