ماتېرىيال سۈرەت
گېرمانىيە ‹‹ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى››نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئەمگەك مىنىستىرلىقى يېقىندا پارىژدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا مۇنداق دېيىلدى: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە فىرانسىيەدە ئىشسىزلارنىڭ سانى 3496000 گە يېتىپ، يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، گەرچە، فىرانسىيە تەرەپ كونكرېت ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشسىزلار سانى بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن تەخمىنەن 8100 كىشى ئاشقان. ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئايان بولۇشىچە، 2014-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى فىرانسىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى % 10.3 بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئىككى ھەسسىگە باراۋەر كەلگەن.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند 2012-يىلى 5-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، فىرانسىيەدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ بۇ خىل ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ھەمدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى مۇھىم خىزمەت قاتارىغا قويماقچى بولغان. نۆۋەتتە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازارلىرىدا نەچچە يۈز مىليون ياۋرۇ مەبلەغ سېلىپ، ئىشسىزلارنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ.