باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان تۇنجى يىلدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە» ئېلان قىلىندى

2015.01.29 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغان تۇنجى يىلدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزە»نى ئېلان قىلدى.

  مۇلاھىزىدە، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلانغان يىلدا، قەتئىي ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەت، قەيسەرانە جاسارەت ۋە پاراسەت بىلەن، ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىلمىي يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى قاتارلىق ساھەلىرىدە بەلگە خاراكتېرلىك، ھالقىلىق، يېتەكلەش رولىغا ئىگە مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلرىنى ئارقا-ئارقىدىن چىقارغانلىقى ھەم ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

  مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2014-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئەڭ كۆپ يىل، سالمىقى ئەڭ يۇقىرى، مىسلىسىز يىل بولدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇددىي سۇمۇرغ قانىتىنى يېيىپ پەرۋاز قىلغاندەك جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باش نىشانىغا قاراپ تۇنجى قەدەمنى پۇختا تاشلىدى.

  مۇلاھىزىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيتىدۇ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق ياراتقاندا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. 2015-يىلى-ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئىسلاھات تەدبىرلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ، قەدىمىي تېخىمۇ پۇختا، مۇقىم بولۇپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىنغۇسى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر