ئاپتونوم رايوننىڭ 2015-يىللىق تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى 28-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2014-يىللىق تەنتەربىيە خىزمىتى خۇلاسىلەندى ھەمدە بۇ يىللىق تەنتەربىيە خىزمىتى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا ياشلارنى تىرىشىپ ساغلام تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە جەلپ قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى كۈن بۇرۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن خوتەن شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسغا خەت يازدى، بۇ ئاپتونوم رايون رەھبىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى، پۇتبول تۈرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ تولۇق ئىپادىسى . كۆپچىلىك تەنتەربىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي ئېنىق تونۇپ، تەنتەربىيەنىڭ ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىدىكى مۇھىم رولىنى ئېنىق تونۇپ، تەنتەربىيەنىڭ ئىجتىمائىي فونكسىيەسى، يېتەكچىلىك فونكسىيەسىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى ساغلام تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە جەلپ قىلىش كېرەك. ‹‹ئۈچ چوڭ توپ›› ۋە ‹‹قار-مۇز ھەرىكىتى››نىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئومۇملىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، باش تېمىسى روشەن، جانلىق، دەۋر كەيپىياتىغا تۇيۇنغان تۈرلۈك ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇش كېرەك.