28-يانۋار مۇخبىرنىڭ شەنشى ئۆلكىلىك ئارخېئولوگىيە يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئارخېئولوگلار 2014-يىلى نامى يىراق-يېقىنغا تارالغان شەنشى غەربىي جوۋ سۇلالىسى ئىپتىدائىي خارابىسىدىن غەربىي جوۋ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە كۆلىمى ئەڭ زور يەككە گەۋدىلىك قۇرۇلۇشنى قېزىپ چىقارغان ھەمدە بۇ ‹‹回›› شەكىللىك ھويلىدىكى بىر ئورۇندىن ئەل ئىچى تىلاۋەت سورۇنىنىڭ قالدۇقىنى قېزىپ چىقارغان، ئانچە مۇكەممەل بولمىغان ‹‹亚›› شەكىللىك بۇ سورۇندىكى ئۇل تېشىنىڭ كەڭلىكى 1.68 مېتىر كېلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىشىلىرى يەر ئىلاھىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹ئورۇن››غا تىلاۋەت قىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن، بۇ ئورۇندا تۇنجى قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئېلىپ بېرىلغان تىلاۋات سورۇنىنىڭ خارابىسى غەربىي جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يېغىلىقلاردىن ئامان قالغان كىشىلەر تۇرمۇش كەچۈرگەن جاي بولغان بولۇشى مۇمكىنكەن.