باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭ شەننەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لوسۇڭسىرېن تەكشۈرۈلدى

2015.01.29 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، لاسا، 28-يانۋار تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 28-يانۋار شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لوسۇڭسىرېن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىق سەۋەبلىك، يېقىندا تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ھازىرچە ئېنىق ئەمەسكەن. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بويىچە تۇنجى بولۇپ قولغا چۈشكەن ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى ھېسابلىنىدىكەن.

  لوسۇڭسىرېن شىزاڭ، چاڭدۇ ناھىيەسىدىن، ئىلگىرى-كېيىن چاڭدۇ، لىنجى، رىكازا ۋە شەننەن ۋىلايىتىدە خىزمەت قىلغان. 2006-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر