باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇدا ئۈچ ئاي پۇل تاپشۇرغان ئۆيى يوق ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالالايدۇ، ھۆججەت، باج تالونى بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ

2015.01.29 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇراﻟﻐﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪت ﻓﻮﻧﺪى بىلەن ئۆي ئىجارىسى تۆلەش شەرتى تۆۋەنلىتىلدى

  تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى 28-يانۋار «تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئۆي ئىجارىسى تۆلەشتىكى شەرتلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۆيى يوق ئىشىچى-خىزمەتچىلەر بۇنىڭدىن كېيىن پۇل تاپشۇرغان جايدا ئۆي ئىجارىگە ئالماقچى بولسا، پەقەت ئىجارە توختامى، ئىجارە تۆلەش ئىسپاتى ياكى ئۆيى يوقلۇق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىسىلا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالالايدىغان بولدى.

  تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چىگۇاڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن ئۆي ئىجارىسى تۆلەشكە 8 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئىشلىتىپ، ئېلىنغان ئومۇمىي پۇل سوممىسىنىڭ ٪1.07نىلا ئىگىلىدى. تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بولۇپمۇ ئۆي سېتىۋالالمايدىغان ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، تۈزۈمنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە ئادىللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆي ئىجارە بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئۆي ئىجارىسى تۆلەش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئۇدا ئۈچ ئاي تولۇق تاپشۇرغان، پۇل تاپشۇرغان شەھەردە ئۆزى ۋە جۆرىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرالغۇ ئۆيى ياكى ئىجارە ئۆيى بولمىسا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ تۇرالغۇ جامائەت فوندى بىلەن ئۆي ئىجارىسىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر