ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرى، Elisa Roche ئىسىملىك 35 ياشلىق بىر ئايال ئاشپەز، بىر كۈنى تۇيۇقسىز خىزمىتىدىن زېرىكىپ، بانان ئۈستىگە رەسىم سىزىشتەك ئالاھىدە خىيالغا كېلىپ، بانانغا رەسىم سىزىشقا باشلىغان. كېيىن روچىنى ھەيران قالدۇرغىنى دۇنياغا داڭلىق مودا ئېقىم ژۇرنىلى «VOGUE» ئۇنىڭ بانان رەسىملىرىنى ژۇرنالغا باسقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر كېچىدىلا نام چىقارغان.